ئەگەردە سىزگە بۇ مەزمۇن كۆرۈنگە بولسا مۇلازىمەت ئۈندىدارنى قوشىۋېلىپ ئىنكاس قىلسىڭىز بۇلىدۇ .

مۇلازىمەت ئۈندىدارى : subat355

گۈلمان سالۇنى :

بۈگۈن «كۆچەت تىكىش بايرىمى»، ئاۋۋال كۆچەت تىكىش بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى.

جۇڭگو كۆچەت تىكىش بايرىمىنى لىڭ داۋياڭ ۋە خەن ئەن، پېي يىلى قاتارلىق ئورمانچىلىق ئالىملىرى 1915-يىلى تەشەببۇس قىلىپ تەسىس قىلغان. ئەڭ دەسلەپتە ۋاقىتنى ھەر يىلى چىڭمىڭ بايرىمىدا بېكىتكەن. 

1928-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى سۈن جۇڭشەن ۋاپات بولغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، كۆچەت تىكىش بايرىمىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىگە ئۆزگەرتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 1979-يىلى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن ، 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىنى كۆچەت تىكىش بايرىمى قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلغان.

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى. 

بۈگۈن كۆچەت تىكتىڭىزمۇ؟

ئەينى يىللىرى بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ناھىيىمىزنىڭ تاغ باغرىدىكى تاقىر دۆڭلۈكلەرگە، تېگىدە غىچچىدە شېغىل ياتقان قاقاسلىقلارغا كۆچەت تىكەتتۇق. شىمال تەرەپتە بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە يەر تېخى تولۇق ئېرىپ بولالمايتتى. گۈرجەكلىرىمىز شېغىلغا ئۇرۇلۇپ ئوت چاقناپ كېتەتتى، بەزى گۈرجەكلەر كاردىن چىقاتتى. 

شۇ چاغدا كىچىكلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ھورۇنلۇق قىلاتتۇق، قاقشاپ باقاتتۇق، بەزىدە بارماسلىق ئۈچۈن ئاغرىۋالاتتۇق. 

ئەمما ھازىر ئويلاپ باقسام، باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى خىزمەتكە چىققان شۇ نەچچە يىل جەريانىدىمۇ نۇرغۇنلىغان كۆچەتلەرنى تىكىپتىمىز. ئۆزۈمنىڭ تىككەن كۆچەت سانىمنى تەخمىنىي ھېسابلاپ كەلسەكمۇ ئاز دېگەندە يۈز تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىپتىمەن. 

بەلكىم شۇ يىللاردا بىز تىككەن كۆچەتلەر ھازىر كىچىككىنە بولسىمۇ بىر دەرەخزارلىققا ئايلانغاندۇ. 

جىمسار ناھىيەسىگە بېرىپ باققانلار بىلىدۇ، گەرچە كىچىككىنە بىر ناھىيە بولسىمۇ، شەھەر قۇرۇلۇشىغا، كۆكەرتىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا، ھەرقايسى باغچىلىرىدا مېۋىلىك كۆچەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىغا چىقسىمۇ، تېرىلغۇ يەر بولمىسىلا چوقۇم كۆچەتزارلىق ياكى دەرەخزارلىق بار، دەرەخ بولمىسىلا چوقۇم تېرىلغۇ يەر بار. تاشلىنىپ قالغان يەر تولىمۇ ئاز. 

4-ئاينىڭ ئاخىرى، 5-ئاينىڭ باشلىرى مېۋىلىك كۆچەتلەر بەس-بەستە ئېچىلىپ جىمسارغا كەلگەن ھەربىرەيلەننى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. كۈز پەسلىدە يولدا توختاپ قالغان ماشىنىلارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئۇلار بىر بولسا مېۋە ئۈزۈۋاتقان، بىر بولسا ئالتۇندەك سارغايغان دەرەخلەر ئالدىدا سۈرەتكە چۈشىۋاتقان.